ياۋروپا كېڭىشى ئۇكرائىناغا 5 مىليارد ياۋرولۇق ياردەم بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان رۇسىيەگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ سوممىسىنىڭ 5 مىليارد ياۋرو كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2117299
ياۋروپا كېڭىشى ئۇكرائىناغا 5 مىليارد ياۋرولۇق ياردەم بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، «ياۋروپا تىنچلىق فوندى» ناملىق پۇل-مۇئامىلە فوندىنىڭ مەبلىغىنىڭ 5 مىليارد ياۋرو كۆپەيتىلىپ، ئۇنىڭ دائىرىسىدە «ئۇكرائىنا ياردەم فوندى» قۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىنا ياردەم فوندى، ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ۋە مەشىقلەر ئارقىلىق ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بۇ قارارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ فوندى ئارقىلىق بىز ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ياردەملەرنى ئۇزۇنغىچە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

بۇ قاراردىن كېيىن، ياۋروپا تىنچلىق فوندىنىڭ 2021-2027-يىللىق مالىيە يۇقىرى چېكى 17 مىليارد ياۋرودىن ئېشىپ كەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى تەمىنلىگەن ئومۇمىي ياردەم مىقدارىنىڭ 33 مىليارد ياۋروغا يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر