نىگېردىكى ھەربىي ھاكىمىيەت ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلدى

نىگېردىكى ھەربىي ھۆكۈمەت ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2116350
نىگېردىكى ھەربىي ھاكىمىيەت ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېردىكى ھەربىي ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئامادو ئابدرامانە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە ھەربىي ۋە ئاممىۋىي خادىملارنىڭ نىگېردا خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان ھەربىي كېلىشىمنىڭ دەرھال بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئابدرامانە ئامېرىكا دائىرىلىرىنى ئالدىنقى ھەپتە نىگېردا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ئامېرىكانىڭ ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موللى پې بىلەن ئامېرىكانىڭ ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابى (AFRICOM) قوماندانى گېنېرال مايكىل لانگلېينىڭ زىيارىتى ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بەرمەسلىك بىلەن ئەيىبلىدى.

نىگېردا تەخمىنەن 1000 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى مەۋجۇت. سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدا ئاگادېز شەھىرىگە يېقىن جايدا بولسا، «نىگېر 201» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىسى بار.

«نىگېر 201» بازىسى ئامېرىكانىڭ جىبۇتىدىن قالسىلا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتى قىلىدىغان ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككىنچى بازىسى ھېسابلىنىدۇ.

قۇرۇلۇشى ۋە مەبلىغى ئامېرىكاغا تەۋە بولغان ئەمما ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى نىگېر ئارمىيىسىگە تەۋە بولغان بۇ بازا 2019-يىلدىن بۇيان يۇقىرى تېخنىكىلىق سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە سىستېمىسى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

نىگېر دۆلىتىدىن 10 يىللىق ئىجارىگە ئېلىنغان  «نىگېر 201» بازىسى، ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قىممەت باھالىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى بازىسى دەپ بىلىنىدۇ.

ئامېرىكا بۇ بازىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 110 مىليون دوللار، يىللىق ئاسراش خىزمىتى ئۈچۈن 30 مىليون دوللار خىراجەت قىلغان بولۇپ، بازىنى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ساھېلدىكى ئاساسلىق ئىستىخبارات ۋە كۆزىتىش مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر