گىرېتسىيە تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى قالقان سىستېمىسى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا

گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكوس دېندىياس تۈركىيەنىڭ بايراقتار TB-2 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى «قالقان سىستېمىسى گۈمبىزى قۇرىدىغانلىقلىرى»نى ئېيتتى.

2114187
گىرېتسىيە تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى قالقان سىستېمىسى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىكوس دېندىياس «نافتېمپورىكى» گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، گىرېتسىيە ئارمىيەسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇداپىئە تېخنىكىسى پىروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

يېقىنقى ئۈچ يىلدا دۇنيا ۋە رايوندىكى سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئېنىقسىزلىقنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، گىرېتسىيەنىڭ ھەر خىل ئەھۋاللارغا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان دېندىياس، مۇخبىرنىڭ: «ئۇكرائىنا 21-ئەسىردە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈرۈش سىستېمىلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. قوشنا تۈركىيە بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. گىرېتسىيەنىڭ (بۇ جەھەتتىكى) ئەھۋالى قانداق؟» دېگەن سوئالىغا: «ئېنىقكى، بۇ ساھەدىكى تېخنىكا تەرەققىياتى دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ (خاراكتېرىنى) ئۆزگەرتتى. مەن ئەرمېنىيەنى ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلغاندا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ زامانىۋى جەڭ مەيدانىدا قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئېرىشتىم. بىلگىنىڭىزدەك، بۇ دۆلەتنىڭ (ئەرمېنىيە) ئارمىيەسى بايراقتار قاتارلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىۋاتقان بىر ئارمىيە (ئەزەربەيجان)نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بىز ئەرمېنىيە بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىقى ئورنىتىمىز. گىرېتسىيە بۇ ساھەدىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. بىز گىرېتسىيە زېمىنىنى قاپلايدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدىغان گۈمبەز (قالقان سىستېمىسى) قۇرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر