رۇسىيە پۈتكۈل ياۋروپا بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىۋاتامدۇ؟

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇدىرى گېنېرال ۋىلادىمىر زارۇدنىتسكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ پۈتكۈل ياۋروپاغا كېڭىيىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى.

2112498
رۇسىيە پۈتكۈل ياۋروپا بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىۋاتامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى  — رېئانىڭ بىلدۈرۈشىچە، زارۇدنىتسكى بۇ سۆزنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ «ھەربىي چۈشەنچە» ناملىق ژۇرنىلىدىكى بىر پارچە ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

زارۇدنىتسكى ماقالىسىدە: «بىز ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي توقۇنۇشقا ئىشلىتىلىدىغان <ۋاكالەتچى كۈچلەر>نىڭ سانى كۆپىيىشى، ھەتتا ياۋروپادا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىشى مۇمكىن» دېگەن.

گېنېرال زارۇدنىتسكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان ھەربىي تەھدىتنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى رۇسىيە پۈتۈنلەي ئاجىزلىتىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى چەكلەپ، زېمىن پۈتۈنلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېڭى تىپتىكى ئارىلاشما ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى سىياسەتلىرىدۇر. دۆلىتىمىزنىڭ قەستەن يېڭى ھەربىي توقۇنۇشلارغا ئىتتىرىلىش ئېھتىماللىقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

زارۇدنىتسكىي يەنە، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىمۇ پىكىر بايان قىلىپ، «پۈتكۈل رۇسىيە جەمئىيىتىنى مۇداپىئە ئېھتىياجى ئەتراپىدا بىرلىشىش»كە چاقىرغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر