ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا شېھىت قىلىنغانلارنىڭ سانى 30 مىڭ 410 غا يەتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 30 مىڭ 410 غا، يارىلانغانلارنىڭ سانى 71 مىڭ 700 گە يەتتى.

2110184
ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا شېھىت قىلىنغانلارنىڭ سانى 30 مىڭ 410 غا يەتتى
gazze cocuk.jpg
gazze cocuk.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرى 149 كۈندىن بۇيان داۋاملاشماقتا.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 24 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بارغان 9 قېتىملىق ھۇجۇمىدا 90 كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقى، 177 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەززە رايونىغا 7 – ئۆكتەبىردە ۋەھشىيانە ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانىنىڭ 30 مىڭ 410 غا ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 71 مىڭ 700 گە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر