ئىسرائىلىيە 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە 70 مىڭ توننا بومبا ئاتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى غەززە رايونىغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا، پۇقرالار تۇرۇشلۇق ئۆيلەرگە 70 مىڭ توننا بومبا تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2107179
ئىسرائىلىيە 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە 70 مىڭ توننا بومبا ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە غەززەدە 19 خىل ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن. بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا شەخسلەرگە قارىتىلغان جىنايەتلەر ئورۇن ئالغان.

ئىسرائىلىيە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىنى قەستەن ئۆلتۈرگەن. 2600 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ياكى قولغا ئالغان. بۇ تۇتقۇنلارغا رەھىمسىزلەرچە ئادىمىيلىككە سىغمايدىغان ۋە خورلىغۇچى مۇئامىلىلەرنى قىلغان. 2 مىليون پەلەستىنلىك يۇرت – ماكانلىرى ۋە ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئاز-زەيتۇن، شەيخ رىدۋان ۋە ئەن-نەسر مەھەللىلىرى بىلەن ئەل-مەغازى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا ۋە غەززەنىڭ غەربىدىكى رايونلاردا نەچچە يۈز پەلەستىنلىكنى ئۆزلىرىگە قالقان قىلغان..  

ئىسرائىلىيە بولۇپمۇ دوختۇرخانا، مەكتەپ، مەسچىت، چېركاۋ ۋە ھەر خىل ئاممىۋى نۇقتىلارنى نىشان قىلغان شەكىلدە مىڭلىغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىنساننىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلغان، مىڭلىغان ئاياللار ۋە بالىلارنى يالاڭاچلىنىشقا قىستىغان. ئۇلارنى خورلىغان شەكىلدە چېگرا رايونلىرىغا يۆتكىگەن.

ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ ھەممە يېرىدە، بولۇپمۇ شىمالدا قامال قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنى ئاچارچىلىقتا قالدۇرۇشنى ئۇرۇشنىڭ تاكتىكىسى قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرنى ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ياكى تۇتقۇن قىلىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن ۋە پەلەستىن ئورگانلىرىدىن تەخمىنەن 300 مىليون شېكېل نەق پۇل، ئالتۇن، زىبۇ-زىننەت ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى بۇلاپ كەتكەن.

ھۇجۇم جەريانىدا، ئىسرائىلىيە 500 دىن ئارتۇق مەسچىت ۋە چېركاۋنى، 300 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپنى، 360 مىڭدىن ئارتۇق تۇرالغۇنى ۋەيران قىلغان. غەززە مىقياسىدىكى 35 دوختۇرخانىدىن 31 ىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرتۈپ قويغان.

ئىسرائىلىيە پۇقرالار رايونىغا 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان 70 مىڭ توننا بومبا ئاتقان ۋە رايونلارنى كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلغان. ئېتىلغان بومبىلار ئارىسىدا فوسفور بومبىسى ۋە مىسكەت بومبىسىمۇ بار.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا غەززە رايونىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە 200 دىن ئارتۇق ئارخېئولوگىيەلىك ۋە تارىخىي ئورۇن بىتچىت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر