جوسېپ بوررېل ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىش پىلانىنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىككى ھەپتە ئىچىدە 3300 دىن ئارتۇق قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىش پىلانىنىڭ «خەتەرلىك ۋە ئىغۋاگەرچىلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2106991
جوسېپ بوررېل ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىش پىلانىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل X ھېساباتىدىكى باياناتىدا ئولتۇراق رايونلارنىڭ رايوندىكى خەۋپسىزلىك ۋە جىددىيچىلىك كەيپىياتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا تەۋە بەيتلەھەم شەھىرىگە يېقىن مائال ئادۇمىم يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونىدا 2350 ئۆينىڭ ۋە كېداردا تەخمىنەن 300 ئۆينىڭ شۇنداقلا ئەفرات قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونىدا 700 ئۆينىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاشنى پىلانلىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېنمۇ بۇ ئىشتىن ئازابلانغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر