ياۋروپا تىكتوكنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تىكتوك (TikTok) ئۈستىدىن رەقەملىك خىزمەتلەر قانۇنى (DSA) غا خىلاپلىق قىلىپ-قىلمىغانلىقىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە رەسمىي تەكشۈرۈش باشلىدى.

2104671
ياۋروپا تىكتوكنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، «بالىلارنى قوغداش، ئاشكارا ئېلان بېرىش، تەتقىقاتچىلارنىڭ مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى، سۇپىنىڭ خۇمار قىلىش لايىھەسى بىلەن زىيانلىق مەزمۇنلارنىڭ خەتەرلىرى» گە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە رەقەملىك خىزمەتلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىكتوكنى رەسمىي تەكشۈرۈش، تىكتوكنىڭ سېنتەبىر (2023) دە كومىتېتقا سۇنغان دوكلات ۋە مەلۇمات تەلەپ قىلىپ سورالغان سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلاردىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندا باشلاندى.

باياناتتا، تىكتوكنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نامۇۋاپىق مەزمۇنلارغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان ياش تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا تەدبىرلىرىنىڭ «يېتەرلىك، مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك» ئىكەنلىكىدە گۇمان بارلىقى كۆرسىتىلدى.

تىكتوكنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەر ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيەدە مەخپىيەتلىكنى ۋە بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ھەمدە يېتەرلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويغان-قويمىغانلىقى تەكشۈرۈلىدۇ.

تىكتوكنىڭ خۇمار قىلىش لايىھەسى پەيدا قىلىدىغان سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ بالىلار ھەق-ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىغا، شەخسنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا، رادىكاللىشىشقا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرلىرىمۇ تەكشۈرۈلىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، تىكتوكتىكى ئېلانلارنىڭ رەقەملىك خىزمەتلەر قانۇنىغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن مەلۇماتلارغا ئېرىشەلىشىدە «گۇمانلىق يېتەرسىلىكلەر»، تەكشۈرۈش تېمىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاۋغۇست (2023) ئېيىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان قانۇنى، رەقەملىك سۇپىلارغا قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى كەلتۈرگەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان رەقەملىك سۇپىلارغا دۇنيا مىقياسىدىكى مەبلىغىنىڭ %6 گە تەڭ كېلىدىغان سەۋىيەگىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. خىلاپلىق قىلمىشلار تەكرار يۈز بەرگەن ئەھۋالدا سۇپىلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا پائالىيەت قىلىشىنى چەكلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر