ھۇۋەيج: «ئەردوغان بىلەن سىسىنىڭ ئۇچرىشىشى لىۋىيەنىڭ تېزدىن قايتا قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ»

لىۋىيە ئىقتىساد ۋە سودا مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلى ئەل ھۇۋەيج جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەل سىسىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ لىۋىيەنىڭ تېزدىن قايتا قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2103825
ھۇۋەيج: «ئەردوغان بىلەن سىسىنىڭ ئۇچرىشىشى لىۋىيەنىڭ تېزدىن قايتا قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد ئەلى ئەل ھۇۋەيج مىسىرنىڭ ئەل شەمس تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئەردوغان بىلەن سىسىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد ئەلى ئەل ھۇۋەيج تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ لىۋىيەنىڭ تارىخى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىككى شېرىكى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەردوغان بىلەن سىسىنىڭ ئۇچرىشىشى شۇنداقلا تۈركىيە ۋە مىسىر شىركەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ لىۋىيەنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە قايتا قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇھەممەد ئەلى ئەل ھۇۋەيج: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەجرىبىسى ۋە يوشۇرۇن كۈچى بار، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدا ئالالايمىز» دېدى.

ئەردوغان 14 - فېۋرالدىكى مىسىر زىيارىتى دائىرىسدە، سىسى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇچرىشىشتا لىۋىيە مەسىلىسى شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر