بىلستروم: شىۋېتسىيە ۋەدىسىنى ئورۇندايدۇ

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم دۆلىتىنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن نى ئورۇندايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2102870
بىلستروم: شىۋېتسىيە ۋەدىسىنى ئورۇندايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بەردى؛ ئۇ 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە لىتۋا پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمى نەتىجىسىدە، شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاشقا قوشۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىلستروم 2022-يىلى 28-ۋە 30-ئىيۇن كۈنلىرى ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ئوتتۇرىسىدا تەسىس قىلىنغان مەڭگۈلۈك بىرلەشمە مېخانىزمنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپ رامكا كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن ۋەدىسىنى ئورۇندايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلسترۆم، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى قويۇق ھەمكارلىقنىڭ كەلگۈسىدە تۈركىيە ۋە شىۋېتسىيەگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش قارارىغا ناتونى كۈچەيتىدىغان بىر قەدەم، دەپ باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر