رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەھدىت سېلىشنى كېچىكتۈرمىدى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا غەربنىڭ رۇسىيەنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىشىغا «قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقلىرى» نى ۋە غەربنى «ئوغرى» دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان رۇسىيە مال-مۈلۈكلىرىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىمدىن ئۇكرائىنا ئۈچۈن پايدىلىنىش قارارى ئۈستىدە توختىلىپ: «<غەربنىڭ قىلغىنى ئوغرىلىق> ۋە <ئۆزىنىڭ بولمىغان مال-مۈلۈكنى ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش>» دېدى.
ئۇ رۇسىيەنىڭ غەربنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭغا قايتۇرۇلىدىغان جاۋابنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ غەربنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ياردەملىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بۇ جەرياندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتتېۋ مىللېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە مال-مۈلۈكلىرىدىن ئۇكرائىنا ئۈچۈن پايدىلىنىش قارارىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بۇنىڭغا يەنە قانداق قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە داۋاملىق مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئۇ مەزكۇر چارە-تەدبىرلەرنىڭ مەقسىتىنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە سالغان زىيانلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى 12-فېۋرال (2024) رۇسىيەنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال-مۈلۈكلىرىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىمدىن ئۇكرائىنا ئۈچۈن پايدىلىنىش قارارىنى تەستىقلىغان ئىدى.