ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان بەيتۇللاھىم شەھىرىدە بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

2100858
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ بەيتۇللاھىم شەھىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بەتتىر بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، 35 ياشلىق رامى راشىد ئەلباتھا ئىسىملىق پەلەستىنلىكنى كۆكرىكىدىن ۋە قورسىقىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

باياناتتا، قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئەترىتىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغانلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

رامى راشىد ئەلباتھانىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا جان ئۈزگەنلىكى، ئەمما ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرغىلى ئۇنىماي، تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش باشلانغان 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ۋە شەرقىي قۇددۇستا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىلەن قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنەرنىڭ بىرلىكتە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 392 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر