ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدە پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئەل-ئەمەل دوختۇرخانىسىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ئوغرىلاپ كەتتى.

2100612
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ 20 كۈندىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا تۇرىۋاتقان ئەمەل دوختۇرخانىسىغا بېسىپ كىرىپ تاجاۋۇز قىلغانلىقى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى بىلەن دوختۇرخانا ئىجرائىيە كومىتېتىغا تەۋە بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ ئىشنى «جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى مۇلازىمەت قىلالمىسۇن» دېگەن شۇم نىيەت بىلەن  قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئالدىنقى كۈنىدىكى باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەمەل دوختۇرخانىسىدا 8 نەپەر تېببىي خادىمنى قوشقاندا، جەمئىي 17 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر