ئەنگىلىيە پادىشاھى راك كېسىلى بايقالغاندىن كېيىن تۇنجى باياناتىنى ئېلان قىلدى

ئەنگىلىيە پادىشاھى ئۈچىنچى چارلىزغا راك كېسەل دىئاگنوزى قويۇلغاندىن كېيىن تۇنجى باياناتىنى ئېلان قىلدى.

2100619
ئەنگىلىيە پادىشاھى راك كېسىلى بايقالغاندىن كېيىن تۇنجى باياناتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورفولكتىكى ساندرىڭخام سارىيىدا داۋالىنىۋاتقان پادىشاھ چارلېز يازما باياناتىدا قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ئۇچۇر يوللىغانلارغا رەھمەت ئېيتتى.

پادىشاھ چارلىز باياناتىدا: «راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان بولغىنىدەك، بۇ خىل ياخشى پىكىرلەر ئەڭ چوڭ تەسەللى ۋە ئىلھام بولىدۇ. ماڭا قويۇلغان دىئاگنوزىمنى ھەمبەھىرلىشىمنىڭ ئاۋامدىكى تونۇشىنى ئاشۇرغانلىقىنى، ئەنگىلىيەدىكى راك بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوللايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىنى قانداق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاش ماڭا رىغبەت بولدى» دېدى.

مەزى بېزىنىڭ چوڭىيىشىنى داۋالاش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان پادىشاھ چارلېز 29-يانۋاردا، دوختۇرخانىدىن چىققان ئىدى.

بۇكىنخام سارىيى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئەندىشىگە سالىدىغان باشقا بىر ئەھۋالنىڭ بايقالغانلىقىنى ۋە پادىشاھتا راك كېسەل كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پادىشاھ چارلىزنىڭ مەزى بېزى راكىغا گېرىپتار بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، ئەمما راكنىڭ تۈرى ۋە باسقۇچى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان ئىدى.  

باش مىنىستىر رىشى سۇناك بولسا، راكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر