ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا كرېدىت ئىناۋەت دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلدى

خەلقئارا كرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى «Moody's» ئىسرائىلىيەنىڭ كرېدىت ئىناۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى.

2100352
ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا كرېدىت ئىناۋەت دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى «Moody's» نىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ كرېدىت ئىناۋەت دەرىجىسىگە ۋە كۆرسەتكۈچىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ تاشقى پېرېۋوت ۋە يەرلىك پۇل كرېدىت ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ ئەسلىدىكى «A1» دىن «A2» گە تۆۋەنلىتىلگەنلىكى ۋە كرېدىت ئىناۋەت كۆرسەتكۈچىنىڭ سەلىبىي ھالەتكە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

خەلقئارا كرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى «Moody's» نىڭ باياناتىدا، داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي توقۇنۇش ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تېخىمۇ كەڭ ئاقىۋەتلىرى تۆۋەنلەشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىجرائىيە ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى بىلەن مالىيە كۈچىنىڭ ئاجىزلاش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مالىيەسىنىڭ ناچارلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، دۆلەتنىڭ قەرز يۈكىنىڭ توقۇنۇشتىن ئىلگىرىكى مۆلچەردىن تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەلقئارا كرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى «Moody's» 2023-يىلى 19-ئۆكتەبىردە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسلىدىكى «A1» بولغان كرېدىت ئىناۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر