سۈرىيەنىڭ دەيرىززور ناھىيەسىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار سۈرىيەنىڭ دەيرىززور ناھىيەسىدە ئامېرىكا قىسىملىرى تۇرۇشلۇق بازىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

2100329
سۈرىيەنىڭ دەيرىززور ناھىيەسىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، دەيرىززوردا فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تۇرۇشلۇق ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار راكېتامىيوتلار بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق كونىكو تەبىئىي گاز زاۋۇتىدىكى ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئامېرىكا بازىسىدا ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددىي زىيان كۆرۈلگەن – كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇمات يوق.

ئامېرىكا تەرەپ ھۇجۇم توغرىسىدا تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىدى.

ھاسەكە ۋە دەيرىززوردىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى يىل بېشىدىن بۇيان راكېتامىيوت ۋە كامىكازېلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى دەيرىززور رايونى ئامېرىكانىڭ قوللىشى ئاستىدىكى بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئىشغالىيىتىدە بولۇپ، شەھەر مەركىزى ۋە باشقا يېزا رايونلىرى بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر