رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ رايونىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى قازا قىلدى.

2100385
رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاركىۋ رايونى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئولېگ سىنېگوبوۋ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ كېچىدە «شاھىد» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن  خاركىۋ رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئولېگ سىنېگوبوۋ ھۇجۇمدا 7 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئۆيلەرنى بومباردىمان قىلغانلىقى ۋە 15 دىن ئارتۇق ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئۇقتۇرۇرۇلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ 26 «شاھىد» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن  ئۇكرائىنا زېمىنىغا ھۇجۇم  قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، 18 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر