يەمەن پىرېزىدېنتى ئامېرىكا مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى
يەمەن پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى رەئىسى راشاد ئەل ئالىمى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىن شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى باربارا لېف بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى رەئىسى راشاد ئەل ئالىمى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىن شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى باربارا لېف بىلەن كۆرۈشۈپ، يەمەننىڭ بىر قىسمىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىز ۋە ئەدەن قولتۇقىدىكى ھۇجۇملىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.
يەمەننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى- سابا (SABA( نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، راشاد ئەل ئالىمى بىلەن باربارا لېفنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىغا، يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋاد بىن مۇبارەكمۇ قاتناشقان.
ئۇچرىشىشتا، خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىز ۋە ئەدەن قولتۇقىدا خەلقئارا پاراخوتلارغا قىلغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى يۈز بېرىۋاتقان يەمەندىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئۇچرىشىشتا، راشاد ئەل ئالىمىنىڭ «ئىران قوراللىرى ۋە ئەتكەس مەبلەغلىرىنىڭ خۇسىيلارغا چېتىشلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا توختىماي ئېقىشى، خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.