ئامېرىكا ھەشدۇششەئبىنىڭ سۈرىيە-ئىراقتىكى بەزى جايلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 28-يانۋار سۈرىيە-ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى ئامېرىكا بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم رايوندا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2096951
ئامېرىكا ھەشدۇششەئبىنىڭ سۈرىيە-ئىراقتىكى بەزى جايلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى قۇددۇس قىسىملىرى قارمىقىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى كەم دېگەندە 85 ئورنىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى..

ئامېرىكادىن قوزغالغان يىراق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلارمۇ قاتناشقان بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە  125 دىن ئارتۇق بومبا ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، رايوندىكى قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش مەركىزى، راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۇجۇم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ بۈگۈن ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرى بىلەن چېتىشلىقى بار قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ئارقىلىق، ئامېرىكا بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى باشلىغانلىقىنى، بۇ ئىنكاسنىڭ ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىت ۋە خالىغان جايلاردا داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ھەربىي توقۇنۇش پەيدا قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن بايدىن، ئەمما، ۋاشىنگتوننىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلارغا قايتۇرما زەربە بېرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىنمۇ بۈگۈن بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بازا ھۇجۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ بىزنىڭ ئىنكاسىمىزنىڭ باشلىنىشىدۇر» دېگەنىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ غەربىدىكى «ھەشدۇششەئبى» ناملىق شىئە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىراقتىكى ئىران قوللاۋاتقان «نۇجەبا ھەرىكىتى» ناملىق شىئە قوراللىق كۈچلىرى «تېلېگرامما» سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئەنبار ۋىلايىتىنىڭ ئەققاشات رايونىدىكى ھەشدۇششەئبى قورال ئىسكىلاتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى، باياناتتا، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ-كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمدى.

ھۇجۇمنىڭ سۈرەتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەندى.

ئامېرىكانىڭ مۇنار-22 ناملىق ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۈچ ئەسكەر ئۆلگەن، 40تىن ئارتۇق ئەسكەر يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر