ياۋروپا ئىتتىپاقى خۇسىيلارغا قارشى ھەربىي قىسىم تەشكىللەيدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەمەندە ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش قىسىملىرىنىڭ 19-فېۋرال (2024) دىن تارتىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2096209
ياۋروپا ئىتتىپاقى خۇسىيلارغا قارشى ھەربىي قىسىم تەشكىللەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، قىزىل دېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان «ئاسپىدېس» (Aspides) ناملىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيە قىسمى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

ئۇ: «قوغدىغۇچى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان < ئاسپىدېس> ناملىق ھەربىي قىسىم پەقەت سودا پاراخوتلىرىنىلا قوغدايدۇ، بۇ قوغداش ۋەزىپىسىنى ئاساس قىلىدۇ. ھەربىي قىسىمنىڭ ھېچقانداق ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يوق، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ھەربىي پاراخوتلار ۋە ھاۋا قوغدىنىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىدۇ.  بۇ قېتىملىق ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشمىدى. كېچىككەندە 19-فېۋرالغىچە < ئاسپىدېس>  قىسمىمىزنى تەشكىللەپ، ۋەزىپىمىزنى باشلايمىز. مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر بۇنىڭدا كۈچلۈك ئىرادىلىرىنى نامايان قىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر