ئىشتىييە: ئەدلىيە سوتىنىڭ قارارى ئىسرائىلىيەنىڭ جازادىن قېچىش مۇساپىسىگە خاتىمە بەردى

پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىييە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ تېل ئاۋىۋ ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قارارىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «جازادىن قېچىش مۇساپىسىگە خاتىمە بەرگەنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

2094125
ئىشتىييە: ئەدلىيە سوتىنىڭ قارارى ئىسرائىلىيەنىڭ جازادىن قېچىش مۇساپىسىگە خاتىمە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىييە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ قارارى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ قارار ئىسرائىلىيەنىڭ جازادىن قېچىش مۇساپىسىنىڭ خاتىمىسى بولۇپ، ئىسرائىلىيەنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشنى توختىتىشقا مەجبۇرلاشتىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ غەززەدىكى رەھىمسىزلىك ۋە پاجىئەنى نەزەردە تۇتۇپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنى جاۋابكار ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى كىرىزىسنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىشتىييە، خەلقئارا جەمئىيەتنى غەززەگە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

ئىشتىييە جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.

جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى 2023 -يىلى 29 دېكابىر ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1948-يىلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا ئەرز سۇندى.

جەنۇبىي ئافرىقا غەززە ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدىن ۋاقىتلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى، مەھكىمە 11-، 12- يانۋار كۈنلىرى لاھەيدىكى تىنچلىق سارىيىدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش سوتى ئاچتى.

مەھكىمە، 26-يانۋار تەدبىر قارارى ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ 2-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ سادىر قىلىنماسلىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش بىلەن بىرلىكتە، دەرھال ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر ماددىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىغا ھۆكۈم قىلدى.

غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىشقا چاقىرىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا قارار قىلغان خەلقئارا ئەدلىيە سوتى، ئىسرائىلىيەنى دەرھال ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەر دۇچ كەلگەن پاسسىپ تۇرمۇش شارائىتىغا خاتىمە بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى. ھەمدە قارار يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىجرا قىلىنغان بارلىق تەدبىرلەر ھەققىدە سوت مەھكىمىسىگە دوكلات سۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر