جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش كاتىپ ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلاشتى.

2094051
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش كاتىپ ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگنىڭ تېلېفونلىشىپ، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىشى قاتارلىقلار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر