21-قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلدى

قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 21-قېتىملىق «سۈرىيە» تېمىلىق ئاستانا يىغىنى، ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

2093306
21-قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 21-قېتىملىق «سۈرىيە» تېمىلىق ئاستانا يىغىنىغا، تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران، دەمەشىق ھۆكۈمىتى ۋە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ھەيئەتلىرى قاتناشماقتا. ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە لىۋان ھەيئەتلىرى يىغىنغا كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قاتناشتى. تۈركىيە ھەيئىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەھمەت يىلدىز باشچىلىقىدا قاتناشتى.

ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدە، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە سۈرىيەدە مەسىلىنى كەڭ دائىرىدە ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار بار.

يىغىندا، سۈرىيەدە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش، يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدەپ، تېپىش قاتارلىق ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان تەدبىرلەر توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرەلەر ئۆتكۈزۈلدى.

ھەيئەتلەر بۈگۈنكى ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر