گېرمانىيە ئۇكرائىناغا 6 دانە «Sea King Mk41» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان بېرىدىغان بولدى

گېرمانىيە ئۇكرائىناغا 6 دانە «Sea King Mk41» تىپلىق كۆپ ئىقتىدارلىق تىك ئۇچار بېرىدىغان بولدى.

2092756
گېرمانىيە ئۇكرائىناغا 6 دانە «Sea King Mk41» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، مىنىستىر بورىس پىستورىئۇسنىڭ «رامشتېين» شەكلىدە توردا ئۆتكۈزۈلگەن 18-نۆۋەتلىك ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، گېرمانىيەنىڭ بۇ يىل (2024) ئۇكرائىناغا قىلىدىغان ياردىمىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقى، ئارمىيە ئامبىرىدىن ئۇكرائىناغا 6 دانە «Sea King Mk41» تىپلىق كۆپ ئىقتىدارلىق تىك ئۇچار ۋە زاپاس زاپچاسلىرىنى بېرىشتىن باشقا يەنە، ئۇچۇش ۋە تېخنىكىلىق مەشىق ياردىمى بىلەنمۇ تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا، 2024-يىلىنىڭ ئىككىنچى پەسىلدىن كېيىن مال يەتكۈزۈشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پىستورىئۇسنىڭ «Sea King Mk41» تىپلىق كۆپ ئىقتىدارلىق تىك ئۇچارلارنىڭ ئۇكرائىناغا قارا دېڭىزدا رازۋېدكا قىلىشتىن تارتىپ ئەسكەر توشۇشقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە ياردەمچى بولىدىغان مۇستەھكەم تىك ئۇچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تۇنجى قېتىم بۇ خىل ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى. پىستورىئۇسنىڭ ئۇكرائىنا خەلقى ۋە ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى قوغدىشى ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مۇداپىئە ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ تېخىمۇ تېز سۈرئەتكە ئېھتىياجىمىز بار» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پىستورىئۇس 2024-يىلى يەنە، 10 مىڭ ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى تەربيەلەپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر