ئەلىس ۋېيدېل: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى گېرمانىيە ئۈچۈنمۇ ئۈلگە بولالايدۇ

گېرمانىيە ئۈچۈن باشقىچە تاللاش پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئەلىس ۋېيدېل ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنىڭ گېرمانىيە ئۈچۈنمۇ ئۈلگە بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2092118
ئەلىس ۋېيدېل: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى گېرمانىيە ئۈچۈنمۇ ئۈلگە بولالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەلىك سىياسەتچى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مودېلنى گېرمانىيەگىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەگەر ھۆكۈمەت ئۆزگىرىشى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆز پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىك كەمچىلىكىنى تۈگىتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋېيدېل، ئەگەر بۇنىڭدا مەغلۇب بولغان تەقدىردە، گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇش ياكى تۇرماسلىقىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئەلىس ۋېيدېلنىڭ بۇ بايانلىرىغا قارىتا «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دەپ باھا بەردى.

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى فىرانسىسكا برانتنېر (يېشىللار) گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنىڭ پاراۋانلىق تۈزۈمىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىۋېتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

برانتنېرنىڭ قارىشىچە، ياۋروپانىڭ ئىچكى بازىرى گېرمانىيەنىڭ ئېكسپورتچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادتىكى مۇۋەپپەقىيىتىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

يېشىللار پارتىيەسىنىڭ سىياسىئونى فىرانسىسكا برانتنېرنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيە ئۈچۈن باشقىچە تاللاش پارتىيەسىنىڭ گېرمانىيە ئىقتىسادىغا، كارخانىلىرىغا ۋە خىزمەتچىلىرىگە زور زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر