ئىسرائىلىيە لىۋاندا بىر ئاپتوموبىلغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا بىر ئاپتوموبىلغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە ھۇجۇمدا بىر كىشى قازا قىلىپ، بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2091555
ئىسرائىلىيە لىۋاندا بىر ئاپتوموبىلغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن (21-يانۋار) لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى كافرادا لىۋان ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېقىن جايدا بىر ئاپتوموبىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا بىر كىشى قازا قىلىپ، بەش كىشى يارىلانغان.

ھۇجۇم لىۋان-ئىسرائىلىيە چېگراسىدىن تەخمىنەن سەككىز كىلومېتىر يىراقلىقتا قىلىنغان بولۇپ، ھۇجۇمدا بىر ئاپتوموبىلنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، يەنە بىر ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋەرلىرىدە بولسا، ھۇجۇمدا ھىزبۇللاھنىڭ ئىككى ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، يەنە بىر ئەزاسىنىڭ قېچىپ قۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر