ئىسىرائىلىيە ھاماسنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلغان

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ھاماسنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى رەت قلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇرۇشنى بارلىق سەپلەر ۋە ساھەلەردە داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

2091622
ئىسىرائىلىيە ھاماسنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ سىنلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىرغىچە 110 ئەسىرنى قۇتقۇزغانلىقلىرىنى ۋە بارلىق ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھاماسنىڭ ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئىسىرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدىن چېكىنىش» تەلىپىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنى قوبۇل قىلغان ئەھۋالدا «ئەسكەرلەرنىڭ بىھۇدە ئۆلگەن بولىدىغانلىقىنى، پۇقرالار بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ۋە يەنە بىر <7-ئۆكتەبىر> نىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «ئۇرۇشنى بارلىق سەپلەر ۋە ساھەلەردە داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. مەيلى غەززە، لىۋاندا بولسۇن، مەيلى سۈرىيە ياكى باشقا يەرلەردە بولسۇن، بىز ھېچقانداق تېررورىستقا ئالاھىدە ئىمتىياز بەرمەيمىز. كىم بىزگە زىيان سېلىشقا ئۇرۇنسا، ئۇنىڭغا زىيان بېرىمىز» دېدى.

2023-يىلى 24-نويابىر غەززەدىكى ئۇرۇش تۆت كۈنلۈك توختىتىلغان ۋە بۇنىڭغا ئۇلاپ ئۇزارتىلغان ئۈچ كۈنلۈك «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش» تا، 81 ئىسىرائىلىيەلىك بىلەن 240 پەلەستىنلىك ئەسىر قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەل قاسسام بىرىگادىلىرى «پەلەستىنلىكلەرگە ۋە مەسجىدى ئەقسا قاتارلىق مۇقەددەس جايلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا جاۋاب قايتۇرۇش» مەقسىتىدە، 7-ئۆكتەبىر (2023) ئىسىرائىلىيەگە قارشى كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ، نۇرغۇن ئىسىرائىلىيەلىكلەرنى ئەسىر ئالغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر