پاكىستان بىلەن ئىران باش ئەلچىلىرى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى

پاكىستان بىلەن ئىران ئىككى دۆلەت باش ئەلچىلىرىنىڭ 26-يانۋار (2024) غىچە خىزمەت ئورنىغا قايتىشى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

2091880
پاكىستان بىلەن ئىران باش ئەلچىلىرى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەلىل ئابباس جىلانى بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، تېھران ۋە ئىسلامئابادنىڭ ئىككى دۆلەت باش ئەلچىلىرىنىڭ 26-يانۋارغىچە ئۆز ۋەزىپىلىرىگە قايتىپ كېلىشى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، مىنىستىر جىلانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھىياننىڭ 29-يانۋار پاكىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىران 16-يانۋار پاكىستاننىڭ زېمىنلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. پاكىستانمۇ شۇ كۈنى ئاخشىمى ئىراننىڭ چېگرا يونىدىكى بىر نۇقتىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن بومباردىمان قىلىپ، تېررورىستلارغا قارشى ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىسلامئاباد 17-يانۋار تېھراندىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

ئىران 15-يانۋارمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىسىرائىلىيە ئىستىخباراتىغا زەربە بېرىشنى سەۋەب قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان ئىدى.

ئىراق دائىرىلىرى ئىرانغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىراننىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر