ئۇكرائىنا: غەرب رۇسىيەنى قوراللاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى، غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئىمبارگولارغا قارىماي، رۇسىيەگە 2 مىليارد 900 مىليون دوللار قىممىتىدە قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان زاپچاسلارنى ئېكسپورت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2090433
ئۇكرائىنا: غەرب رۇسىيەنى قوراللاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججىتىگە قارىغاندا، 2023-يىلى رۇسىيە ئىمپورت قىلغان «قورال ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ماتېرىياللار»نىڭ مىقدارى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەدىن ئانچە تۆۋەن ئەمەس ئىكەن، باشقىچە ئېيتقاندا، تەخمىنەن% 90 كە توغرا كېلىدىكەن. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى باشلىقى ئاندرېي يېرماك بىلەن ئامېرىكانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مايكىل ماكفولنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى، شىركەتلەرنىڭ رۇسىيەگە ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنى ئېكسپورت قىلىش جازاسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى كۆزەتكەن.

ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، «يوقىتىلغان ياكى قولغا چۈشۈرۈلگەن رۇسىيە قوراللىرىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەردە 250 دىن ئارتۇق غەرب شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بايقالغان».

تەتقىقاتقا قاتناشقان كىيېۋ ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، رۇسىيەنىڭ قوراللىرىدىن 2800 چەت ئەل زاپچىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، تەكشۈرۈلگەن قوراللارنىڭ ئىچىدە موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىشلەتكەن يۇقىرى ئاۋازلىق كىنجال باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر