ئىسرائىلىيە قىسىملىرى نابلۇس شەھىرىدە بىر ئاپتوموبىلنى بومبىلىدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ نابلۇس شەھىرىدە بىر ئاپتوموبىلنى بومبىلىدى. قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

2089729
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى نابلۇس شەھىرىدە بىر ئاپتوموبىلنى بومبىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى نابلۇسنىڭ شەرقىدىكى بالاتا پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا يېقىن جايدا بىر ئاپتوموبىلنى بومبىلىغان.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئاپتوموبىلغا ېيقىنلىشىشىغا يول قويمىغانلىقى ۋە ئاپتوموبىل ئوتتا ئېلىپ ئارقىدىن پارتلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاپتوموبىلدىكى پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلاررنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى رايوندىن چېكىنگەندىن كېيىن، بىر پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ رايوندىن چېكىنىشتىن ئىلگىرى بومبىلىغان ئاپتوموبىلدىكى بىر قىسىم پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ بالاتا پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا بېسىپ كىرىش جەريانىدىمۇ ئۇ يەردىكى پەلەستىنلىكلەرگە راست ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر غەززەگە ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىنى باشلىغاندىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستىمۇ پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش، ئۆيلىرىگە قالايمىقان بېسىپ كىرىش، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىلەن قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا 355 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر