رادمان: بىزگە نىسبەتەن تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق شېرىكى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

كىرودىيەنىڭ ياۋروپا ۋە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گوردان گرلىك رادمان، كىرودىيەگە نىسبەتەن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق شېرىكى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2089463
رادمان: بىزگە نىسبەتەن تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق شېرىكى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گرلىك رادمان پايتەخت ئەنقەرەدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشمان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

مىنىستىر فىدان بىلەن تۈركىيە-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكلىرىنى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كاندىدات دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان رادمان: «بىزگە نىسبەتەن تۈركىيە (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا) كاندىدات (ئەزا) دۆلەت بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق شېرىكى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

گرلىك رادمان كىرودىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بەرپاچى سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ھەرگىز باش تارتمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر