ھۇسىيلار ئامېرىكا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانلىقى يەمەندىكى ھۇسىيلار قويۇپ بەرگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئامېرىكانىڭ كونتېينېر پاراخوتى گە تەگكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2089159
ھۇسىيلار ئامېرىكا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «سەنئا (سانا) ۋاقتى سائەت 16:00 ئەتراپىدا، ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىي قوراللىقلىرى يەمەندىكى ئۆزلىرى كونترول قىلىۋاتقان رايوندىن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، ئامېرىكانىڭ مارشال تاقىم ئاراللىرى بايرىقى قادالغان كونتېينېر پاراخوتى <گىبرالتار بۈركۈتى>غا پاراكەندىچىلىك سالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ۋە ئېغىر دېگۈدەك زىيانغا ئۇچرىمىغان پاراخوتنىڭ نورمال پىلان بويىچە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر