يەمەندە جىددىيچىلىك كۈچىيىپ كەتتى؛ ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھۇسىيلارنى بومباردىمان قىلدى

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، يەمەندىكى ھۇسىيلارغا تەۋە نۇرغۇن ئورۇننى بومباردىمان قىلدى.

2088223
يەمەندە جىددىيچىلىك كۈچىيىپ كەتتى؛ ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھۇسىيلارنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، يەمەندىكى ھۇسىيلارغا تەۋە 30 ئورۇننى بومباردىمان قىلدى؛ ئارقىدىن ئامېرىكا قىسىملىرى ئۆز ئالدىغا يېڭىدىن ئالدىنقىغا قارىغاندا بىر قەدەر تار دائىرىلىك ھۇجۇم قوزغاپ، ھۇسىيلارنىڭ بىر رادار ئەسلىھەسىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.

يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ «ئەلمەسىرا» قانىلى، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يەمەننىڭ پايتەختى سانئاغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتكەن، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھۇسىيلارغا تەۋە ئورۇنلارغا ھۇجۇم قىلغانىدى.

ھۇسىيلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن دېڭىز تىرانسپورتى شىركەتلىرى قىزىل دېڭىزدىكى قاتناشلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلغانىدى.

ئامېرىكا ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، «خەلقئارا دېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى» تەشكىللەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «پاراۋانلىقنى قوغداش ھەرىكىتى» دېگەن نامدا بىر كۆپ دۆلەتلىك ئىتتىپاقداش قىسىم تەشكىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى ئاق دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىزنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، يەر شارى سودىسىنىڭ تەخمىنەن% 12 ى قىلىنىدىغان ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ قىسقا يول — سۈۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈشنى خەۋپكە ئىتتىرگەن، سودا پاراخوتلىرى ئۇچرىغان ھۇجۇملارغا ئەگىشىپ، مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چىقارغان قاتناشنى توختىتىش قارارلىرى، دۇنيا ئىقتىسادىدا يېڭى بىر «تەمىنلەش زەنجىرى كىرىزىسى»نىڭ باشلىنىپ كېتىش ئەندىشىسىنى پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر