بلىنكېن: ئەرەب - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشى ئۈچۈن، غەززەدىكى توقۇنۇشلار ئاخىرلىشىشى كېرەك
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسرائىلىيە-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن «غەززەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.
2086194
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ABC خەۋەرلەر قانىلى مىنىستىر ئانتونى بلىنكېننىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە ئىسرائىلىيەگە قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئايرودۇرۇمدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئورتاق نۇقتىسىنىڭ «غەززە ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قايتىدىن گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىش» مەسىلىسى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.