ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى يېقىنقى مەزگىللەردىكى رۇسىيە – شىمالىي كورېيە يېقىنلىشىشى توغرىسىدا توختالدى.

2084800
ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەنى رۇسىيەنى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىلىرى بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەپ، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ موسكۋا تەرىپىدىن ئۇكرائىناغا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى يېقىنقى مەزگىللەردىكى رۇسىيە – شىمالىي كورېيە  يېقىنلىشىشى توغرىسىدا توختالدى.

جون كىربي ئامېرىكانىڭ ئىبمارگولىرىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىغا ئېرىشىش دائىرىسى تارايغان بولغاچقا، رايوندىكى شېرىكلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ كويىغا كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ مۇساپىدە رۇسىيەنى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن كىربي: «قولىمىزدىكى ئۇچۇرلار كورېيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېقىندا رۇسىيەنى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىگەنلكىنى كۆرسەتمەكتە. رۇسىيە قىسىملىرى 30 – دېكابىردا مەزكۇر بومبىلاردىن كەم دېگەندىمۇ بىرىنى ئۇكرائىناغا ئاتتى» دېدى.

كىربى 2-يانۋار بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئۇكرائىناغا ئاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقلىرىنى، بۇ جەرياننى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر