ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 30 غا يەتتى

ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى ئىشىكاۋا ۋىلايىتى ۋە بۇ رايوندىكى نوتو يېرىم ئارىلىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا يۈز بەرگەن تۈنۈگۈنكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30غا يەتتى.

2083062
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
japonya deprem1.jpg
japonya deprem.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن نوتو يېرىم ئارىلى ۋە غەربتىكى ئىشىكاۋا دېڭىز قىرغىقىدا كۈچى 5 بالدىن 7 بالغىچە بىر قانچە قېتىم يەر تەۋرىگەنلىكىنى، ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئىشكاۋا دېڭىز قىرغىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جايلاردا بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەشتىن كېيىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ بەزى جايلىرى يېرىلىپ كەتكەن، نوتو يېرىم ئارىلىنىڭ ۋاجىما شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى يېقىن ئەتراپتىكى 200 گە يېقىن بىناغا زىيان يەتكۈزگەن.

ياپونىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى — NHK، ۋاجىمادىكى 7 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ يان كەتكەن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى.

ئىشىكاۋا ۋالىيسى، يەر تەۋرەشتە 30 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاپەت رايونلىرىدىن 50 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئوخشىمىغان جايلاردا 14 كىشىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قۇتۇلدۇرۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى.

ئاپەت رايونىدىكى 19 تېببىي ئورۇندا توك توختاپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى، تاللا بازارلىرى ۋە مىلىچمال دۇكانلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باش ۋەزىر كىشىدا فۇمىيو مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ پاراخوتلار بىلەن رايونغا ياردەم ماتېرىياللىرىنى يەتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپەتنىڭ تەسىرى تېخىمۇ  گەۋدىلەنمەكتە. ھايات قۇتقۇزۇش ۋاقىتقا قارشى بىر مۇسابىقە» دېدى.

بۇ جەرياندا، ياپونىيە جۇغراپىيە ئۇچۇر مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، يەر تەۋرەشنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق دېڭىز قىرغىقىدىكى ۋاجىما قۇرۇقلۇقىنىڭ 1.3 مېتىر غەربكە يۈرۈشۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر