سۈرىيەدىكى ئامېرىكا بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ھاسەكە رايونىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەددادى ھاۋا ئارمىيە بازىسى نامەلۇم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

2083017
سۈرىيەدىكى ئامېرىكا بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، ھاسەكەنىڭ جەنۇبىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان شەددادى بازىسى پارتلاتقۇچلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامەلۇم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئامېرىكا تەرەپ ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان ھۇجۇمدا، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ – كۆرۈلمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ تەنەف رايونى، ئىراق چېگراسىغا يېقىن مالىكىييە ناھىيەسى، ھاسەكە ۋىلايىتىنىڭ شەددادى ناھىيەسى ۋە دەيرۇززۇر ۋىلايىتىدىكى بازىلىرى تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان قورالسىز ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر