دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھى 2- مارگرېتې 14- يانۋاردا تەختىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئايال پادىشاھ مارگرېتې يېڭى يىللىق نۇتقىدا ئوغلى شاھزادە فرېدېرىككە يول ئېچىش ئۈچۈن تەختىدىن ۋاز كېچىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2082670
دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھى 2- مارگرېتې 14- يانۋاردا تەختىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھىنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 52 – يىللىق خاتىرە كۈنى بولغان 14-يانۋاردا تەختىنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

دانىيە باش ۋەزىرى مېتتې فرېدېرىكسېنمۇ «ھۆمەتلىك ئايال پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئۆمۈر بويى نامايان قىلغان  بوشاشماس تىرىشچانلىقى ۋە پادىشاھلىققا بولغان ساداقەتمەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتمىز» دېدى.

باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «يېڭى يىلدا تەخت ۋارىسى شاھزادە فرېدېرىك پادىشاھ  ئېلان قىلىنىدۇ. مەلىكە مارىي خانىش بولىدۇ، يېڭى بىر پادىشاھ ۋە يېڭى خان جەمەتى بىر جۈپلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئاساستا بۇنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتمەكتىمىز» دېيىلدى.

دانىيەنىڭ 83 ياشلىق ئايال پادىشاھى 2 - مارگرېتې 1972-يىلى تاج كىيگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر