زېلېنىسكىي: يېقىنقى بىر يىلدا قورال - ياراغ ئىشلەپچىقىرىشىمىز ئۈچ ھەسسە ئاشتى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ يېقىنقى بىر يىلدا قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
2081801
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەك. يېقىنقى بىر يىلدا قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇردۇق. رۇسىيە چوقۇم ھەر قېتىملىق ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. بىز غەلىبىگە موھتاج. ئۇكرائىنا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى كېرەك» دېدى.