نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى

«نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» OpenAI ۋە مىكروسوفت ئۈستىدىن سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە سېلىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى مەنخاتون فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

2081804
نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» تۈنۈگۈن سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان بۇ ئەرزى ئارقىلىق مەزكۇر ئىككى يۇمتال شىركىتىنىڭ گېزىتنىڭ خەۋەرلىرىنى ئوقۇشىغا خاتىمە بېرىشنى كۆزلىمەكتە.

گېزىت، بۇ شىركەتلەرنىڭ مۇخبىرلارنىڭ مىلياردلارچە دوللار مەبلەغ سېلىش نەتىجىسىدە روياپقا چىققان ئەمگەك مېۋىلىرىنى ئوغرىلىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا OpenAI شىركىتى تەرەققىي قىلدۇرغان ChatGPT سۈنئىي ئەقىل مودېلىنىڭ، ئىستېمالچىلىرىغا «نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەرلىرىنى ئەينەن تەقدىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ئەرز گېزىت بىلەن مەزكۇر ئىككى شىركەتنىڭ ئاپرېل (2023) دا باشلانغان سۆھبەتلىرىنىڭ ئۈنۈمسىز ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن سۇنۇلدى.

نۇرغۇن ئاخبارات – تاراتقۇ ئورگانلىرى ماتېرىياللىرىنى رەقەملىك مۇھىتقا يۆتكىگەن بولسىمۇ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى نەشرىياتچىلىقنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

ئابونتلارنىڭ ئاخبارات – تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرى «نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ ئېلان كىرىمىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، سۈنئىي ئەقىل سۆھبەت سۇپىلىرىنىڭ ئابونتلىرىنى ئوخشاش مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلىشى،ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىدىن يىراقلاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر