ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتىكى پەلەستىنلىكلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (غەززەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى) تا پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2081150
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتىكى پەلەستىنلىكلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۇلكەرم شەھىرىدىكى باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكىتى جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئالتە پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەلخەلىل شەھىرىدىمۇ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، ئىككى كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

7 – ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەر سانى 305 كە يەتتى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان نۇر شەمس مۇساپىرلار لاگېرىغا ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن باستۇرۇپ كىردى، ۋەقە جەريانىدا بىر بىنانى بومباردىمان قىلدى. لاگېردىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى زىيانغا ئۇچراتتى، ئۇل- ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ھەرىكەتلىرىمۇ داۋام قىلماقتا. ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇ قېتىم بەيتۇللاھىمنىڭ جەنۇبىدىكى بەيت فۇججار ۋە ھادر بازارلىرى بىلەن ئائىدا مۇساپىرلار لاگېرىدا بىرى ژۇرنالىست بولۇپ، جەمئىي 55 پەلەستىنلىكنى تۇتۇپ كەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان بۇ رايوندا قولغا ئېلىنغان پەلەستىنلىكلەر سانى 4785 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر