ئىسرائىلىيە شېھىت قىلىنغان 80 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بەردى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدىكى قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە جەسەتلىرى تۇتۇپ قىلىنغان 80 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى قايتۇرۇپ بېرىلدى.

2081343
ئىسرائىلىيە شېھىت قىلىنغان 80 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرىنى غەززە رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كەرم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىدىن تاپشۇرۇۋالدى.

غەززەدىكى ۋەخپە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 80 جەسەتنى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

غەززەدىكى ئەبۇ يۈسۈپ ئەل نەججار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى مەرۋان ئەل ھامس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ  80 جەسەتنىڭ غەززەگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرىگە مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەرۋان ئەل ھامس: «نەچچە ئونلىغان شېھىتنىڭ جەسىتى بىر كونتېنېرغا قاچىلانغان ھالدا كەلدى. جەسەتلەرنىڭ بەزىلىرى تولۇق، يەنە بەزىلىرىنىڭ پەقەت پۇت-قوللىرىلا بار ئىدى. بەزى جەسەتلەر چىرىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئىدى» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىنى ۋەھشىيلەرچە بومباردىمان قىلىپ، «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 20 مىڭ 900 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر