زېلېنسكىي ئامېرىكادا زىيارەتتە بولماقتا

رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىنى باشلىغان 14-فېۋرال (2022) دىن بۇيان ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلغان پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي، ئاقسارايدا پىرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى.

2076006
زېلېنسكىي ئامېرىكادا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئاقسارايدا پىرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا ئۈچۈن كونگرەدىن تەلەپ قىلغان، ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر ھازىرغىچە قوبۇل قىلمىغان 61 مىليارد دوللارلىق ياردەم لايىھەسى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «لايىھەنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئۈچۈن <روژدېستۋا سوۋغىتى> بولىدۇ» دېدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆچمەنلەر سىياسىتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، جەنۇبىي چېگرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەلەپلەر بىلەن، مەزكۇر ياردەم لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشنى كېچىكتۈرمەكتە.

پىرېزىدېنت زېلېنسكىي ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ، رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2022-يىلى 14-فېۋرال رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرۈشى بىلەن ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى رەسمىي پارتلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر