جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇردى

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شىن ۋون سىك، شىمالىي كورېيە «بىپەرۋالارچە ھەرىكەتلەرنى قىلسا، دۆلەتنى دوزاخقا باشلاپ كېرىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

2076213
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — يونخاپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىنىستىر شىن ۋون سىك يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار قاتناشقان بىر يىغىندىكى سۆزىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ «تىنچلىق» ياكى «ھالاكەت»تىن ئىبارەت ئىككى خىل تاللىشى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەگەر شىمالىي كورېيە تىنچلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان بىپەرۋالارچە ھەرىكەتلەرنى قىلسا، ئۇلارنى پەقەت دوزاخلا كۈتۈۋاتقان بولىدۇ» دېگەن.

شىمالىي كورېيە 21-نويابىر جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر راكېتاسىنى جەنۇبىي كورېيەگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەنىدى.

ئەتىسى جەنۇبىي كورېيە 2018-يىلى شىمالىي كورېيە بىلەن ئىمزالىغان رايوندىكى ھەربىي جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنىڭ بەزى ماددىلىرىنى ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

شىمالىي كورېيە 23-نويابىر مەزكۇر كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر