ئىسپانىيە باشچىلىقىدا تۆت باش مىنىستىر چارلېز مىشېلغا غەززە ھەققىدە بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىدى

ئىسپانىيە، بېلگىيە، ئىرېلاندىيە ۋە مالتا باش مىنىستىرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېلغاغەززە ھەققىدە بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىدى.

2074835
ئىسپانىيە باشچىلىقىدا تۆت باش مىنىستىر چارلېز مىشېلغا غەززە ھەققىدە بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە، بېلگىيە، ئىرېلاندىيە ۋە مالتا باش مىنىستىرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېلغا مەكتۇپ يوللاپ، ياۋروپا كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانچىلىقى ئاستىدىكى غەززەنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر پېدرو سانچېز، بېلگىيە باش مىنىستىرى ئالېكساندېر دې كرو، ئىرېلاندىيە باش مىنىستىرى لېئو ۋارادكار ۋە مالتا باش مىنىستىرى روبېرت ئابېلا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېلغا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىغان.

مەكتۇپتا، 14 – دېكابىردىن 15 - دېكابىرغىچە بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا، غەززە ۋەزىيىتى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە ئالاقىدار مۇزاكىرەلەرنىڭ  كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈشى تەلەپ قىلىندى.

تۆت باش مىنىستىر ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، خەلقئارا قانۇنغا ماس ھالدا ئۆزىنى قوغدىسا بولىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە يەنە، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش، غەززەدىكى پۇقرالارنى قوغداش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ توسالغۇسىز يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق قارار چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7- ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلىپ، «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى»نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ، 17 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر