جون كىربى: بىز ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قايتا ئىشغال قىلىشىنى قوللىمايمىز

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى توقۇنۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قايتىدىن ئىشغال قىلىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2073771
جون كىربى: بىز ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قايتا ئىشغال قىلىشىنى قوللىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قايتا ئىشغال قىلىشىنى قوللىمايمىز» دېدى.

جون كىربى: «بىز غەززە زېمىنىنىڭ تارايتىلىشىنى ۋە غەززە خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك قوغلاپ چىقىرىلىشىنى قوللىمايمىز» دېدى ۋە غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرالىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

جون كىربى 4-دېكابىردا «ئا ب س نىيۇس» (ABC News) قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، مەۋجۇت پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەنى كېرەكلىك بولغان باشقۇرۇش ئىشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «غەززەدىكى ھۆكۈمەت مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم پەلەستىن خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب بېرەلىشى لازىم، ئەمما ھازىرقى پەلەستىن ھۆكۈمىتى بۇ ئىشەنچكە ئىگە ئەمەس» دېدى.

جون كىربى بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، غەززەدە ئېتىبارغا ئىگە ۋە ئىسلاھ قىلىنغان بىر پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر