ئامېرىكا غەربىي قىرغاقتا زوراۋانلىق قىلغانلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغان بولدى

ئامېرىكا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئەۋجىگە چىققان زوراۋانلىقلارغا چېتىشلىق كىشىلەرگە ساياھەت چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2073195
ئامېرىكا غەربىي قىرغاقتا زوراۋانلىق قىلغانلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن غەربىي قىرغاقتا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشىلەرنى نىشان قىلغان يېڭى ۋىزا سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئېمبارگو قويۇلىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۇغقانلىرىنىڭمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئامېرىكانىڭ غەربىي قىرغاقتىكى مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «زۇلۇم قىلغۇچى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كىم بولۇشىدىن قەتئنىينەزەر، غەربىي قىرغاقتا پۇقرالارغا قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشقۇن يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ پەلەستىن پۇقرالىرىنى ئاشقۇنلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قوغداش ئۈچۈن قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي قىرغاقتا مۇقىملىقنى ساقلاشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر