پۇتىن: رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە

پۇتىن تۈركىيە بىلەن شېرىكلىكنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئوخشىمىغان ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبىلەرگە تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:«ھەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە قەتئىي قارارغا ئىگە»دېدى

2072682
پۇتىن: رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋلادىمىر پۇتىن كرېمىل سارىيىدا تۈركىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تانجۇ بىلگىچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، رۇسىيەدە ۋەزىپىسىنى باشلىغان 21 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرىدىن ساداقەت مەكتۇبىنى تاپشۇرۇۋالدى ۋە ئۇلارنى يېڭى خىزمەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

ئۇ سۆزىدە، تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە. بۇ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئوخشىمىغان ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبىلەرگە تايىنىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەت ياخشى قوشنىدارچىلىق، شېرىكلىك ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپلىرىغا تايانغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە قەتئىي قارارغا ئىگە.»

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىزچىل ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدا بارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئېنېرگىيە ساھەسىدە رۇسىيە-تۈركىيە ھەمكارلىقلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن. رۇسىيە دۆلەتلىك يادرو ئېنېرگىيەسى ئىدارىسى تۈركىيەدە تۇنجى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. <ماۋى ئېقىم> ۋە <تۈرك ئېقىم> تۇرۇبا يوللىرى لايىھەلىرى بىلەن تەبىئىي گاز ساھەسىدە يېقىن ھەمكارلىقلار ئەمەلگە ئاشتى. تۈركىيەدە تەبىئىي گاز تارقىتىش مەركىزى قۇرۇش خىزمەتلىرىمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. سودا ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيە ساھەلىرىدىمۇ نۇرغۇن مۇھىم لايىھەلىرىمىز، ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىمىز بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر