كىشىدا: غەززەدىكى جىددىيچىلىككە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگقا غەززەدىكى جىددىيلىكچىلىككە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2071703
كىشىدا: غەززەدىكى جىددىيچىلىككە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋىزارىتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، باش ۋەزىر كىشىدا دۇبەيدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىنىڭ 28 – نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

كىشىدا ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ بىلەن ئېلىپ بارغان ۋە 30 مىنۇت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشىدا، ھېرزوگقا، غەززەدىكى جىددىيلىكچىلىككە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا غەززەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتا ماددى تەمىناتنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

كىشىدا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىمۇ، غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنىڭ موھىملىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر