ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئەسىر ئالماشتۇردى

ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان 30 پەلەستىنلىك مەھبۇس قويۇپ بېرىلدى.

2071292
ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئەسىر ئالماشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەككىز ئايال، 22 بالىدىن تەركىب تاپقان 30 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇس قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ماشىنىلىرىغا ئولتۇرۇپ، ئوفېر ھەربىي تۈرمىسىدىن ئايرىلدى.

ھاماسمۇ قامال ئاستىدىكى غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك سەككىز ئەسىرنى قويۇپ بەردى.

تەرەپلەر 24 – نويابىر «ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ، تۆت كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ھاسىل قىلغان، ئارقىدىن مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مۇددىتى يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر